Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەنگلىيە ئىسلام فوندى ئۇيۇشمىسى
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئەنگلىيىدىكى مۇسۇلمان مۇھاجىرلارنىڭ دىنىي فوند تەشكىلاتى بولۇپ، 1968 - يىلى لېيسېستېردا قۇرۇلدى. مەقسىتى: ئەنگىلىيىدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ۋە پائالىيەتنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭغا مەبلەغ ياردەم قىلىش، ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەۋدۇدىنىڭ دىنىي تەلىماتىنى تارقىتىش، ئىسلام دىنىغا دائىر ئىنگلىزچە كىتاب - ژۇرنال چىقىرىشقا مەبلەغ ياردەم قىلىش، ئىسلام دىنىغا دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ئىسلام دىنى تەربىيىسى، تەرغىباتىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.