Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى
دۇنيا تارىخى
英国东印度公司
yīng guó dōng yìn dù gōng sī
تولۇق ئاتىلىشى <شەرقىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدا سودا قىلىدىغان لوندون سودىگەرلىرىنىڭ لىدىرى ۋە شىركىتى>. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مونوپول سودىنى باشقۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئالاھىدە رۇخسەت قىلىپ قۇرغان تەشكىلات. 1600-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلغان. شىركەت <پادىشاھلىق ئالاھىدە رۇخسەتنامە> ئالغان بولۇپ، ئۈمىد تۇمشۇقىنىڭ شەرقىدىكى دۆلەتلەر (ئاساسلىقى ھىندىستان بىلەن جۇڭگو) نىڭ سودىسىنى مونوپول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. دەسلەپتە مالايا تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا خۇش پۇراق ماتېرىيالى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن ھىندىستاندا سودا سارىيى ۋە قورغان ياساتقان، ئارمىيە ۋە فلوتقان، ئارمىيە ۋە فلوتقا ئىگە بولغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ھىندىستاندا بومباي، مادراس ۋە بېنگالدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ باشقۇرۇش رايونى قۇرۇپ، باش ۋالىي تەيىنلەپ باشقۇرغان. 1798-يىلى لوندوندا بىر يېڭى شىركەت قۇرۇلغان. 708-يىلى يېڭى ۋە كونا شىركەت بىرلەشكەن ھەمدە ھىندىستان ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە سۈلھ تۈزۈش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىنⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، بىر قاتار ئۇرۇش ئارقىلىق فرانسىيە ۋە گوللاندىيىنىڭ تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقىرىپ، ھىندىستاندا ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان. بۇ مەزگىلدە كەڭ يەرلەرنى قوراللىق كۈچ بىلەن بېسىۋېلىپ، نۇرغۇن يەر بېجى يىغقان؛ تېرىقچىىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى يولغا قويغان؛ تاماكا ۋە تۇز سودىسىنى مونوپول قىلغان؛ دېڭىز قاراقچىلىقى شەكىلدىكى بۇلاڭچىلىق بىەن شۇغۇللانغان؛ كۆكنار (ئەپپۇن) نى كۆپلەپ تېرىتقان ھەمدە ئەتكەسچىىك ئۇسۇلى بىلەن جۇڭگوغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنى زەھەرلەپ، كۆپلىگەن بايلىقنى بۇلىۋالغان ھەمدە غايەت زور پايدىغا ئىگە بولغان. بۇ ئەنگلىيىدە كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى (ئارمىيىسى) دىن پايدىلىنىپ، ھىندىستان جۇڭگوگە تاجاۋۇزچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، سودا - سانائەت كاپىتالىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ شىركەتنىڭ ھىندىستان ئەنگلىيە - فرانسىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە (1813) ۋە جۇڭگو (1833) غا قاراتقان سودا مونوپولىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1858-يىلى ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلىڭىنىڭ زەربىسى ئاستىدا تارقىتىۋېتىلگەن.