Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەنگلىيە - فرانسىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە مۇداپىئە شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
英法,美法防御条约
yīng fǎ ,měi fǎ fáng yù tiáo yuē
9191-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ئايرىم - ئايرىم ھالدا فرانسىيە بىلەن ۋېرسال سارىيىدا ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ شەرتنامىسى. ئىككى ۋېرسال سارىيىدا ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ شەرتنامىسى. ئىككى شەرتنامە <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> بىلەن بىر كۈندە ئىمزالانغان بولۇپ، <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> نىڭ 42-ماددىسىدىن 44-ماددىسىغىچە قوشۇمچە قىلىنغان. <ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىغۋاگەرچىلىك بولمىغان ئەھۋالدا گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا فرانسىيىگە ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامە> دە، گېرمانىيە <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> نىڭ - 44-ماددىسىنىڭ رېيىن قوراللىق ھەرىكەتسىز رايونى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا فرانسىيىگە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارسا ئەنگلىيە دەرھال فرانسىيگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە ئىمزالىغان شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى ئەنگلىيە - فرانسىيە شەرتنامىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە ئامېرىكا - فرانسىيە شەرتنامىسىنى تەستىقلاشنى رەت قىلغان. ئەنگلىيە - فرانسىيە شەرتنامىسى ئىككىنچى ماددىسىنىڭ بۇ شەرتنامە ئامېرىكا - فرانسىيە شەرتنامىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچكە ئىگە بولۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەنگلىيە - فرانسىيە شەرتنامىسىمۇ كۈچكە ئىگە بولمىغان.