Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەنگلىيە - فرانسىيە شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
英法条约
yīng fǎ tiáo yuē
ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئافرىقىدىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىش توغرىسىدىكى شەرتنامە. 1890-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا ئالجىرىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىدىن سەھرايى كەبىرنى كېسىپ ئۆتۈپ نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنغىچە بولغان جايلار ۋە چاد كۆلىنىڭ شىمالىي قىسمى فرانسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى بولىدۇ؛ ئەنگلىيە نېگىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ۋە چاد كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا ئىگە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە فرانسىيىنىڭ ماداگاسكارغا بولغان ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان، فرانسىيىمۇ ئەنگلىيىنىڭ زانزىبارغا بولغان ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ شەرتنامە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئافرىقىنى تالىشىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن چوڭقۇر زىددىيىتىنى ھەل قىلالمايتتى.