Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەنچىڭ جۇڭشىياۋجيې مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەنچىڭ شەھىرىدىكى نەنگۇەن جۇڭشياۋ كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 1469 - يىلى سېلىنغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ھەربىي مالىمانچىلىقتا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، چىڭ سۇلالىسى كاڭشى يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى قايتا سېلىنغان. 1853 - يىلى ئورۇشتا ۇەنە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. 1876 - يىلىدىن 1897 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قايتا سېلىنغان. نامازخانىنىڭ كۆلىمى 600 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئىچىگە 36 تۈۋرۈك قويۇلغان. تۈۋرۈكلەرگە يېزىلغان سۈرە - ئايەتلەرگە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن. تاش پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرىسىغا قاشتېشى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇلۇت - ئەجدىھا سۈرەتلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇلغان. 1983 - يىلى رېمونت قىلىشقا پۇل ئاجرىتىپ بەردى. مەسچىت زىننەتلىنىپ يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلدى.