Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەمسە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باغلىغۇچى: قوشما جۈملىدە ئالدىنقى شەرت جۈملىنى باش جۈملىگە باغلايدۇ.
ئىش پۈتتى، ئەمسە، قايتايلى. دۈشمەن يېڭىلگن بولسا، ئۇ ھالدا، بىز تېخىمۇ زور تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. دوستلار ئويناپ، كۈلسۇن، ئۇنداق بولسا، مەن شادلىنىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
جاۋاب جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ <ئۇنداقتا، ئۇنداق بولسا، ئۇنداق بولغاندا> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
- ماقۇل موما، ئەمسە كەتتۇق، سەن ماڭا راستىنلا بىر دانە پۇتبول توپى ئېلىپ بېرىسەن؟! - دېدىم موماينىڭ نەۋرىسى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ.