Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەمىر ئىبىنى ئەلى ئاس
دۇنيا تارىخى
(؟ - تەخمىنەن مىلادى 664) ئەرەب سەردارى. مەككە قۇرەيش قەبىلىسىدىن. مىلادى 629-يىلى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 63-يىلى سۈرىيىگە قوشۇن باشلاپ بارغان. 639 - 642-يىللىرى مىسىرنى بويسۇندۇرغان، ئۇنىڭ ھەربىي لااگىرى كېيىن مىسىرنىڭ يېڭى مەركىزى فوستان بولۇپ شەكىللەنگەن. 645-يىلى ئىستېپا بەرگەن. مۇئاۋىيىنىڭ خەلىپىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم بېىرپ، سىففىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ئۇنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئەلى تەرەپدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. 658-يىلى مىسىرغا قايتىپ كېلىپ ئالەمدىن ئۆتكىچە باش ۋالىي بولغان.