Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەمىر نىزام ئىسلاھاتى
دۇنيا تارىخى
埃米尔.尼扎姆改革
āi mǐ ěr .ní zhā mǔ gǎi gé
ئىراندىكى نەسىردىن شاھ دەۋرىدىكى باش ۋەزىر ئەمىر نىزام يولغا قويغان ئىسلاھات. ئەمىر نىزام خىزمەت ئۆتىگەن دەۋر (1848 - 1851) دەل باب مۇرىتلىرى قوزغىلىڭى پارتلىغا ۋە چەت ئەل كۈچلىرى ئىرانغا سىڭىپ كىرىۋاتقان دەۋر ئىدى. ئۇ پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە فېئورال ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئىسلاھاتنى يولغا قويغان، جۈملىدىن ھەربىي مەكتەپ ئاچقان، ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان، دۆلەت مالىيەسىنى تەرتىپكە سالغان، سودا - سانائەتنى رىغبەتلەندۈرگەن. فېئوداللىق ئېكسپىلاtاتسىيە ۋە راھىبلار كۈچىنى چەكلىگەن، ئىچكى - تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرغان، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرغان. تاشقىرىغا نىسبەتەن، ئەنگلىيە بىلەن رسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈرگەن. ئىسلاھات مەركىزىي ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتە، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا ۋە كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى چەكلەشتە مەلۇم رول ئوينىغان، لېكىن فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك روھانىيلارنىڭ ۋە كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە بېرىپ تاقالغانلىقتىن قارشىلىققا ئۇچراپ، ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.