Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەمر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۇيرۇق، ھۆكۈم، پەرمان.
ھەققىدە، خۇسۇسىدا، توغرىسىدا.
ئىش، ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىش؛ بۇيرۇق؛ ئەمر قىلىش - بىر ئىشقا بۇيرۇش؛ ئەرى بەدىئ - قىزىق ئىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىش مەجبۇرىي بولغان كۆرسەتمىسى.
بۇيرۇقنىڭ قولى. ئۆزى بۇيرۇق قىلىپ ئۆگەنگەن كىشى قىيىن باشقىلارغا قۇلاق سېلىشى. ئەدەبتىن ئەمر ئەلا. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بويرۇقى كۈچلۈك. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن. يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە، يەردە قالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش شەرت بولغان يوليورۇقى، قارارى، تاپشۇرۇقى.
ئىلتىجا، ئىلتىماس، مۇراجىئەت
تەلەپ، ئۆتۈنۈش.
باشلىقنىڭ ئىلتىماسىمۇ بۇيرۇق. بۇيرۇق چۈشتى - ئىش پۈتتى. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بۇيرۇقى كۈچلۈك. ئەدەبتىن ئەمىر ئەلا. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن، يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە يەردە قالماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بۇيرۇق، پەرمان، يارلىق.
ئەمر قىلماق.
ئىختىيار، ئىختىيارلىق؛ ئىلىك؛ نىكاھ.
ئەمرىگە ئالماق. ئەمرىدە ساقلىماق.