Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەمگەك رىتسارلىرى پولكى
دۇنيا تارىخى
劳动骑士团
láo dòng qí shì tuán
ئامېرىكىدىكى بۇرۇنراق قۇرۇلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدىن بىرى. دەسلەپتە 1869-يىلى فىلادېلفىيە شەھەرلىك كىيىم - كېچەك زاۋۇتى ئىشچىسى ستېفېنس تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىشچىلارنىڭ مەخپىي تەشكلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا ئىرق، ئېتىقاد، جىنس ئايرىماي ھەممە كىشى قاتناشقان. باشقا ساھەدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەزالىرى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ بارغان. 1878-يىلغا كەلگەندە ئاشكارا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. ئاساسىي پروگراممىسى - سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئەر - ئايالنىڭ ئوخشاش ئىشىغائوخشاش ھەق بېرىش، بالا ئىشچىلىقنى بىكار قىلىش، جامائەت ئىشلىرىنى جامائەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە كوپىراتىپ قۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات لاسسالچىلىق تۈسىنى ئالغان. ئۇ ھەمكارلىشىش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇنى كاپىتالىستىك رىقابەتلەشكەن جەمئىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارنى سۆھبەت ياكى سالا قىلىش بىلەن ھەل قىلىشنى، ئىش تاشلاشنى پەقەت ئەڭ ئاخىرقى ۋاسىتە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئەڭ روناق تاپقان مەزگىلدە 700 مىڭ كىشىگە يېىتپ بارغان. ئۇنىڭ تەركىبىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى، تەشكىلنىڭ بوشاڭلىقى تۈپەيلىدىن ئوڭغا قاراپ يۈزلىنىپ، 90-يىللىرى پەيدىنپەي زەئىپلەشكەن. 1917-يىلغا كەلگەندە پائالىيىتىنى توختاتقان.