Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەل مۇۋەتتە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<مۇۋەتتە> دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <توپلام> دېگەنلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەن كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى كىتابلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى مالىڭ ئىبنى ئەنەس توپلىغان. بۇنىڭغا تەخمىنەن 500 ھەدىس توپلانغان بولۇپ، فىقھەنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە تەھرىرلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ نوپۇزىنى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكى بەزى مۇتەكەللىمۇنلار ئۇنى جامائەت ئېتىراپ قىلغان ئالتە ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ بىرى، دەپ قاراپ، ئىبنى ماجە توپلىغان ھەدىسلەرنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، بۇنى ئابدۇ مالىك بىننى جۇراجى (؟ - 767) توپلىغانىكەن.