Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەل مۇتانەبى
دۇنيا تارىخى
摩泰纳比
mó tài nà bǐ
(915 - 965) ئەرەبىستانلىق ۋائىز. ئەسلى ئىسمى ئەخمەد ئىبنى مۇھەممەد. كوفەدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا سۈرىيىنىڭ بىدۇيىن قەبىلىسىدە كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرەلمەيمەن دەۋالغاچقا <مۇتانەبى> (<ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغۇچى> مەنىسىدە) دەپ لەقەم ئالغان. بىر مەھەل تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئالىپو ۋە مىسىردىكى يەرلىك خان ئوردىلىرىغا بارغان. ھەمىشە ھەجۋى شېئىر يازغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمرانلار سىغدۇرمىغان. سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە قاراقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇرۇش ۋە مۇھەببەت مەدھىيىلەنگەن. ھېسسىياتى چىن، پەلسەپە قائىدىلىرىگە ئىگە بولغانلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. شۇ چاغدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى ئەرەب شائىرى دەپ ماختالغان.
تارىخ
摩秦纳比
mó qín nà bǐ