Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەل غەززالى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(لاتىنچە ئىسمى ئالگازېل، 5810 - 1111) مۇتەكەللىمۇن. ئەھلى تەرىقەت. ئىسلام ئەقىدىسىنى قوغىدىغانلىقى ئۈچۈن <ھۇججات ئەل ئىسلام (ئىسلام دىنىنىڭ نوپۇز ئىگىسى)> دەپ ئاتالدى. خۇراساندىكى تۇس دېگەن مەھەللىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك چېغىدا نېشابۇردىكى ئىمام جۇۋەينىدە تەربىيلەندى. 1085 - يىلى سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى نىزام مۇلكىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىدى. 1091 - يىلى نىزام مۇلىك تەرىپىدىن باغداتتىكى ئالىي بىلىم يۇرتى نىزامىيە ئىنستىتۇتىغا پروفېسسورلۇققا تەيىنلىنىپ، پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. <پەيلاسوپنىڭ مەقستى>، <پەيلاسوپنىڭ زىددىىتى> ۋە <نۇرلۇق مېھراب> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. 1095 - يىلىدىن كېيىن دەمەشىقتە 11 يىل پىنھان ياشىدى. كېيىن سوپى سۈپىتى بىلەن ئېرۇسالىم، ئىسكەندەرىيە، مەككە، مەدىنە، قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلدى. بۇ مەزگىلدە <دىنىي پەنلەرنىڭ گۈللىنىشى> ناملىق چوڭ ئەسەرنى يېزىپ تاماملىدى. 1106 - يىلىدىن كېيىن نېشابۇردىكى نىزامىيە ئىنستىتۇتىدا قىسقا مۇددەت مۇئەللىم بولدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ھەر خىل ئەنئەنىلەر ۋە ئەقلىيەلەردىكى تەسەۋۋۇپچىلىق ئامىللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تەسەۋۋۇپچىلىق ئىدىيىسىنى ئەنئەنىۋى ئېتىقادقا باشلىدى. ئالەمنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنى ئاللا ياراتقانلىقىنى تەكىتلىدى. روھنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى، تەختنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە ئىدراك تونۇپ يېتەلمەيدىغان <ھەقىقەت> نى بىۋاستە تۇيغۇ ئارقىلىق بايقىغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. ۋاپات بولغاندا ئۆز يۇرتىغا دەپنە قىلىندى.