Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەلەم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بايراق، تۇغ.
يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە. * ئەلەم كۈرىشى قىلما!
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . دەرد، ئازاب.
ئەلەم چەكمەك، ئەلەم تارتماق. * مىڭ پۇراقتىن بىر ئەلەم يامان (ماقال).
ئىلىم يولىدا ئەلەم چەككەن ئادەم.
ئەلەم ئەمەس، بەختكە قويىدۇ قەدەم.
دەرد ئەلەملەر كېلىدۇ ئوغۇل بالانىڭ باشىغا،
سايدا تۈگمەن چۆرگىلەيدۇ كۆزدىن ئاققان ياشىغا.
2 . ئاچچىق، غەزەپ. ئەلەم بولماق، ئەلەم قىلماق. * ئەيسانىڭ ئەلىمىنى مۇسادىن ئاپتۇ (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەنج، دەرت، ئاغرىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالامەت، نىشان، بايراق، بەلگە؛ ئاتاقلىق ئات(گىرامماتىكىدا)؛ ئەلەم ئۇرماق - بايراق تىكلىمەك؛ بەلگە قويماق؛ ئەلەم چەكمەك - بايراق تىكمەك؛ كۆتىرىلمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، ئارمىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى.
دۆلەت بايرىقى. قىزىل بايراق. پارتىپە بايرىقى. كومپارتىيە بايرىقىنىڭ بەلگىسى ئوغاق - پالتا ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ. يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە. بۈگۈن بايرام، يىغىندا تۇغ - ئەلەملەر لەپىلدەپ تۇرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كشىنىڭ پىكرى _ خىيالىنى چاچقان روھىي ئازاب، قىيىن _ قىستاق.
كۆرمەيىن باستىم تىكەننى، تارتادۇرمەن دەردىنى، كۆرسەم ئەردىم، باسماس ئەردىم، تارتماس ئەردىم دەردىنى. ئىلىم يولىدا ئەلەم چەككەن ئادەم، ئەلەم ئەمەس، بەخىتكە قويىدۇ قەدەم. دەرد _ ئەلەملەر كېلىدۇ، ئوغۇل بالانىڭ باشىغا، سايدا تۈگمەن چۆرگىلەر كۆزدىن ئاققان ياشىغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جىسمانىي ئازاب، ئاغرىق.
ئەلەم كۈرىشى.
نىياز ئۇزاق يىلغىچە كېسەل ئازابىنى تارتىپ ئۆمرى ئەلەم بىلەن ئۆتتى.
روھىي ئازاب، دەرد - ھەسرەت.
ئەلەم بولماق. ئەلەم تارتماق، ئەلەم چەكمەك.
قەست، ئۆچ، قىساس.
- سىز بىكاردىن - بىكار شۇنچە ئاچچىقلاپ كېتىپسىز، ئۇنىڭدىن ئالالمىغان ئەلەملىرىڭىزنى مەندىن ئالماقچىمۇ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بايراق، تۇغ.
ئەلەملەر كۆرۈنۈپ، دۇمباق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
مازارنى تاۋاپ قىلغۇچىلار تەرىپىدىن شۇ مازارغا ئېسىلغان لاتا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئەلەمخان
ھەممىدىن بىلىملىك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دىنىي مەنسەپ، ئەلەم ئاخۇنۇم.
قازىدىن تۆۋەن، مۇتتىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.