Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەل دەرەزى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ دائىسى. دروزىيە مەزھىپىنى قۇرغۇچى. بۇخارالىق تۈركلەردىن. 1017 - ياكى 1018 - يىلى پرسىيىلىك تېرە - يۇڭ سودىگىرى، دائى ھەمزە ئىبنى ئەلى (958 - 1102) - بىلەن مىسىرغا بېرىپ، قاھىرەدىكى فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ھاكىم بىئەمرۇللانىڭ ئوردىسىدا ئىشلىدى. ئوردىدا ئىسمائىلىيەنى تەرغىب قىلىپ، ھاكىم بىئەمرۇللانى سىرلىقلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېقىن ئادىمى بولۇپ قالدى. 1019 - يىلى ھەمزە ئىبنى ئەلى بىلەن ھاكىم بىئەمرۇللانى ئاللانىڭ نامايەندىسى قىلىپ قويغانلىقتىن، مىسىرلىقلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئاخىر قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتتى.