Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەڭ كىچىك ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
پسىخولوگىيە
سەزگۈ چېكىنى بىۋاسىتە ئۆلچەشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تەسىر چوڭىدىن كىچىككە، كىچىكتىن چوڭغا قاراپ ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ھەر قېتىم بېرىلگەن تەسىرنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، لېكىن پەرق بىردەك بولىدۇ. تەجرىبە ئوبيېكتى ھەر قېتىملىق سەزگىنىنى ئېيتىپ تۇرىدۇ. سەزگەندىن سەزمىگەنگىچە، سەزمىگەندىن سەزگەنگىچە بولغان تەسىر كۈچىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى ئۆلچەشنىڭ مۇتلەق چېكى قىلىنىدۇ.