Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەي خانۇم
دۇنيا تارىخى
قەدىمىي باكتىرىيە پادىشاھلىقى پايتەختىنىڭ خارابىسى. ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تالوكاننىڭ شىمالىدا. 1964-يىلىدىن تارتىپ قېزىلغان. شەھەردە قەلئە بولغان ھەمدە چۆرىسىنى ئىككى قاتار خەندەك ئوراپ تۇرغان. شەرقىي ۋە غەربىي دەۋازىلىرى بولغان. غەربىي دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىنكى مەركىزىي كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى6.1 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەرب تەرىپىدە خان ئوردىسى، مەمۇرىي رايون، ئىلاھىي ئىبادەتخانا، ئەجدادلار ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار، شەرق تەرەپتە ئېدىرنىڭ يانتۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ سېلىنغان دۈگىلەك شەكىلدىكى تىياتىرخانا بار. خان ئوردىسى كېسەك بىلەن سېلىنغان، ئىنچىكە يەرلىرىگە ھاك تېشى ئىشلىتىلگەن. مەمۇرىي رايوننىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى، تۈۋرۈكلۈك كارىدورى، 18 تۈۋرۈكلۈك زال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ھاڭ تېشى ئىشلىتىلگەن، ئىنتايىن كۆركەم ياسالغان. شەھەر ئىچىدە يەنە سۇ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئېرىقنىڭ ئىزى بايقالغان. مس، ھاك تېشى ئويما بۇيۇملىرى تېپىلغان.