Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەينەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆز ئەينەك؛ كۆزگۆ؛ كۆچمە مەنىسى: كۆز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پارقىراق تۈز ئەينەكتىن ياسالغان، سىمانى كۆرگىلى بولىدىغان سايمان.
سەتلىكىگە ئەينەك ئەيىبىلىك ئەمەس. سەنئەت _ ھاياتلىقنىڭ ئەينىكى. توزۇغان گۈل شېخىغا چىقماس، سۇنغان ئەينەك ئەسلىگە كەلمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قاتتىق ۋە چۈرۈك بولغان بىر خىل سۈزۈك جىسىم، ئۇ ئادەتتە كۋارتسلىق قۇم، ھاك تاش، ساپ ئىشقار قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن ياسىلىدۇ.
قارشىسىدىكى نەرسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئادەتتە كىشىلەر ئۆز ئەكسىنى كۆرىدىغان، ئارقىسى سىرلانغان مەخسۇس شېشە.
مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپتۇ، يانچۇقىدىن ئەينەكنى ئېلىپ، ئاۋۋال ئەينەكنىڭ ئالدىنى، كېيىن ئارقىسىنى كۆرسىتىپتۇ.
يىراقتىكى نەرسىلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان، كىچىك نەرسىلەرنى چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان، كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان مەخسۇس شېشە ئەسۋاب.
بۈگۈنكى ئالىملار ئاسماننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ئەينىكى ئىجاد قىلدى.
كۆچمە. بىرەر ھالەتنى ھادىسىنى كۆز ئالدىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ ياكى يورۇتۇپ تۇرغان نەرسە؛ ئۈلگە، نەمۇنە.
تۇرغۇن ھەقىقەتەن قەيسەر جەڭچى. ئۇنىڭ پەزىلىتى مەن ئۈچۈن ئەينەك.
كۆزگە تاقايدىغان ئەينەك (كۆزەينەك).
ئۇ ئەينەكسىز خەت كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.