Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەيىبناق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر ئەزاسىدىن ئايرىلغان ياكى كېسەللىك بەلگىسى قالغان.
ساق ، بېجىرىم
تېنى جايىدا، ھەممە ئەزالىرى تولۇق.
ساق يىقىلار، سۆڭىكى ساق قالار. بېجىرىم بۇزۇلماس. مېيىپنى مازاق قىلغانلار - كاللىسى مېيىپ بولغانلار. كىشى تۇغۇلغاندا ئەيىبناق بولمايدۇ. يىقىلىپ ناكار بولغۇچە، ئىشلەپ ئىشكار بول. تازنى تاز دېسە، ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى. سۇنۇقنىڭ دەردىنى ساق بىلمەس. ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. ساقتىن زېرەك گاچا بار، شاختىن چىڭراق ئاچا بار. پۇچۇق بۇرۇن ساق بۇرۇننى كۆرەلمەيدۇ. گاس ساققا گەپ ئۇقتۇرالماپتۇ. توكۇر ساقنى يېتىلىمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز، بىرەر ئەزاسىدا كەمچىلىكى، نۇقسانى، ئىللىتى بار؛ مېيىپ، مەجرۇھ.
مەن ئۇنىڭ مېنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ ئەيىبناق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.