Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەيىب
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانۇن - ئىنتىزام، ئەردەم - ئەھكام، ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنغا خىلاپ ئىش - ھەرىكەت. «تسۇي» خەنزۇچە: 罪
روزىدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ باراتتا. ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق. ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس. كورنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس. كىشى پاراسەتتە كەم بولسا قانچە، ئەيبىنى ئاقلاشقا ماھىردۇر شۇنچە. ئازمىغان جىنايەتتىن خالىي بولار. مەرد بولساڭ، ۋەتەننى قىلغىن ھىمايەت، قان بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ - جىنايەت. ئالەمنى ياپالىغان جىنايتىنى ياپالار. قىلمىشىغا يارىشا جازا. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە توۋا قىلمايسەن. ئوت تۈتۈنسىز بولماس، ئەر يازۇقسۇز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەمچىللىك، كەمتۈكلۈك، يارىماس قىلىق، ئادەت.
بوينىدا ئىللىتى بارنىڭ تۇۋىقى سىرقىرار. ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس. ئۆز ئەيىبىنى بىلگەن باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماس. ئاقارغان چاچ ئەيىپ ئەمەس. بىر ئېۋەننى يوشۇرساڭ، يەنە بىرى چىقار. پەرىشتىدىنمۇ بەش نۇقسان تېپىلار. قۇسۇر تېپىشقا ئۇرۇنما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قائىدە - يوسۇنغا، تەرتىپ - ئىنتىزامغا، ئەدەب - ئەخلاققا خىلاپ ئىش؛ كەمچىلىك، سەۋەنلىك.
بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس. تىرىشماسلىق ئەيىب (ماقال).
ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس، كۆزىنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس (ماقال).
كىشى ئۇيىلىدىغان، نومۇس قىلىدىغان، خىجالەت تارتىدىغان خاتا ھەرىكەت؛ ناچار قىلىق، بولمىغۇر ئادەت.
سىز دەرسىز، يىگىتكە ياش تۆكمەك ئەيىب، بىلىمەن نومۇسى كۆز ياش يىگىتنىڭ، ئېسىمدە ئاتاممۇ ئېيتقان ئۆلۈمگە رازى بول ۋە ئەمما تۆكمە كۆز يېشىڭ!
نۇقسان، قۇسۇر، ئىللەت، جىسمانىي كەمتۈكلۈك.
غېمى يوق ئىنسان بولماس، ئەيىبى يوق ھايۋان بولماس (ماقال).