Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەھمەد بەدەۋى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1200 - 1276)ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى بەدەۋىيەنى قۇرغان ئادەم. قىسقارتىلىپ <سەئىد> (ئەپەندى) دېيىلىدۇ. فىستا (ھازىرقى ماراكەشنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) دۇنياغا كەلگەن. 1206 - يىلىدىن 1211 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. تەخمىنەن 1230 - يىلىدىن باشلاپ <قۇرئان كەرىم> نى ۋە شافىئىييەنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. 1236 - يىلى سۈرىيىگە بېرىپ تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالارنىڭ مەقبەرىسىنى يوقلىدى. 1236 -، 1237 - يىللىرى مىسىردىكى تەندىتا (ھازىرقى تەنتا) دا بەدەۋىيە (ئەھمەدىيەمۇ دېيىلىدۇ) نى قۇردى. بۇ يېزىلارغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان دىنىي پىرقە بولۇپ، زاھىتلىق تۈسىگە ئىگە بولدى. ئۇلار تەنھا، پىنھان ياشاپ، بەزىدە جىمىپ كېتىدىكەن. بەزىدە قاتتىق چىرقىرايدىكەن. ئۇزۇن ۋاقىت روزا تۇتىدىكەن. فرانسىيە پادىشاھى لۇئىس 9 (1214 - 1270) مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغاندا ئەھمەد بەدەۋى ئاممىنى ئەھلىسەلىپ قوشۇنىغا قارشى تۇرۇشقا قوزغاپ، <مەھبۇسلارنى ئازاد قىلغۇچى> دەپ ئاتالدى. ئەھمەد بەدەۋى ۋاپات بولغاندا تەندىتاغا دەپنە قىلىنىپ، قەبرە سېلىندى. كېيىن قەبرىگاھ مەسچىت قىلىپ سېلىندى. ھازىر مۇقەددەس جاي بولۇپ قالدى. مىسىر مۇسۇلمانلىرى ھەر يىلى ئۈچ قېتىم كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ئەھمەد بەدەۋىنى خاتىرىلەيدۇ.