Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەھلى ھەدىس ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندىكى دىنىي جەمئىيەت بولۇپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنۈپ ئىدارە قىلىنىشتىن ئىلگىرى <پۈتۈن ھىندىستان ئەھلى ھەدىس كېڭىشى>، <ئەھلى ھەدىس يوقسۇللار ئۇيۇشمىسى>، <ئەھلى ھەدىس دىنىي تەرغىبات ئۇيۇشمىسى> قاتارلىق ناملارنى ئىشلەتكەن. كېيىن 1949 - يىلى لاھۇردا (باش ئورگىنى شۇ يەردە) <سىبا ئەھلى ھەدىس جەمئىيىتى> قايتىدىن قۇرۇلدى. داۋۇد قەزنەۋى رەئىس، ئابدۇ قايۇم (1901 - 1981) باش مىرزا بولدى. ئۇلار ھەدىسنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دىنىي ئىلمىي تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، تەربىيە ۋە نەشرىيات ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 1953 - يىلى پەنجاپتىكى مەزھەپ توپىلىڭىغا قاتناشقانلىقتىن، نۇرغۇن ئادىمى قولغا ئېلىندى. 1958 - يىلى لايپۇر (ھازىرقى فەيسالئاباد) دا سەلەفىيە دارىلفۇنى قۇردى. تەۋەلىكىدە ھەر دەرىجىلىك تارماق ئورگانلاردىن بەش مىڭنى تەسىس قىلدى. ئىچكى قىسىمدا تۆۋەندىن يۇقىرىغا سايلام تۈزۈمى ۋە دېموكراتىك مەسلىھەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى. <چىڭ تۇت>، <ئەخبارىيە مۆمىنلىرى>، <ئىسلام> قاتارلىق ژۇرناللارنى چىقاردى. پاكىستاندا كەڭ تەسىرگە ئىگە.