Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەھل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىگە، ساھىب؛ تېگىشلىك.
ئائىلە، ئايال.
ئاھالە.
ئاشىق؛ ساداقەتلىك، لايىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرەر يەر، كەسىپ،ئىش، ھۈنەر ياكى نەرسىگە قېتىش كىشىلەر؛ ئائىلە، ئەر - خوتۇن؛ بىرەر ئىش ئىگىسى، ياراملىق، قابىلىيەتلىك؛ ئەھل ئايال - ئايال - ئايال ۋە بالا - چاقىلار؛ ئەھل تۇججار - ئېلىپ ساتارلار، تىجارەت قىلغۇچىلار؛ ئەھلى غىنا - چالغۇچىلار، سازەندىلەر؛ ئەھلى غەنى - بايلىق ئىگىسى، باي؛ ئەھلى كاسىپ - كەسىپ ئىگىسى؛ ئەھلى ئىلىم - ئىلىم ئىگىسى؛ ئەھل بولۇش - ياراقلىق بولۇش؛ ھايۋانات ئەھلىيە - ئۆي ھايۋانلىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ساھە، كەسىپ ياكى دائىرى كىشىلىرى.
كەسىپ ئەھلى. بىلىم ئەھلى.
مەلۇم بىر جايدا ياشايدىغان، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر، ئاھالە.
يۇرت ئەھلى. شەھەر ئەھلى.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە قاتناشقۇچى، داخىل بولغۇچى كىشىلەر، جامائەت.
مەجلىس ئەھلى.