Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەگرى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈز ئەمەس، ھەر تەرەپكە ئېگىلگەن.
ھەممىلا ئەگرى ياغاچ با بولىۋەرمەيدۇ. ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى. ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق. ئەگرى سۆز باش يارار. ھاسىنىڭمۇ ئەگرى - بۈگرىسى بار. ساياھەتچىلەر چۈشكەن ئاپتوبۇسلار ئەگرى - توقاي تاغ يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەيتتى. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلىدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىڭغىر پۇتاققا ئۆتكۈر پالتا. قارىغۇغا قىسىق كۆزمۇ سۇلتان. قىيسىق بولساڭ، قىرلىنىسەن. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قىڭغىر - قىيسىق ياغاچمۇ تۈز كۆيىدۇ. سىڭايان قارىغانغا تۈز سىڭايان كۆرۈنەر. قومۇشنى قىيا تۇتما قولۇڭنى كېسىدۇ. قىيپاش ياغاچ لىم بولماس. يانتۇرنىڭ سايىسىمۇ يانتۇ. ئەگمەچ تاياق ھاسا بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
تۈز ، توغرا، راۋۇرۇس، رۇس
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەگرى.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يىلان كەندۈ ئەگرىسىن بىلمەس تەۋى بوينىن ئەگرى تېر _ يىلان ئۆزىنىڭ ئەگرىلىكىنى بىلمەس، تۆگە بوينىنى ئەگرى دەر. بۇ ماقال ئۆزىدە ئەيپ تۇرۇقلۇق باشقىلاردىن كۈلىدىغان غەيۋەتچىلەرگە تەمسىل قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 171
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قىڭغىر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قىڭغىر، ئېگىلگەن.
بوۋاي ئەنە شۇ ئەگرى دەرۋازىدىن چىقىپ، رەستىلەرنى ئايلىنىپ، دوپپا بازىرىغا باردى.
كۆچمە. ناتوغرا؛ ساپ بولمىغان، ناپاك.
ئەگرى سۆز، ئەگرى قول. ئەگرى غەرەز.