Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەغلەب سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(800 - 909)شىمالىي ئافرىقىدىكى يەرلىك ئىسلام ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھاكىمىيەتكە ئىبراھىم بىننى ئەغلەب ئاساس سالغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ دادىسى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خۇراساندا تۇرۇشلۇق سانغۇنى بولۇپ، جەڭدە كاتتا نەتىجىلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىفلىگىيە (ھازىرقى تۇنىس) نىڭ باش ۋالىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. كېيىن قەرەيۋان (كاپروۋان) نى پايتەخت قىلىپ، ئۆزىنى ئەمىر دەپ ئاتاپ، باغدات خەلىپىسى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە خاۋارىجلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. <جىھاد> نامى بىلەن سىرتقا كېڭىيىپ، ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىنى ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى كونترول قىلغان. كېيىن فاتىمىيە سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.