Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەگەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەرت باغلىغۇچىلار: قوشما جۈملىدىكى باش جۈملە بىلەن شەرت بېقىندى جۈملىنى باغلايدۇ.
قىلسا ئەگەر
ئىككى جاھىل جېدەل - ماجىرا، ئۈزۈلىدۇ بولسا زەنجىر بۇ ئارىدا. ئاددىي تاش سۇندۇرسا زەر قاچىنى گەر، تاش داڭقى ئۆسمەيدۇ، كەمستىلمەس زەر. ئەگەردە دۈشمەنگە سەل قارىساڭ، مەغلۇپ بولىسەن. ئەگەر چەندە يامغۇر ياغمىسا، ئەتە بارىمەن. ئەگەركى، سەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن. ئەگەركىم خاماننى ۋاقتىدا تەپمىسەڭ، ھوسۇلدىن جەزمەن زىيان تارتىسەن. مۇبادا تىرناقچە ئىش قىلسا شۇ ئەر، ياخشى ئايال ئۇنى تاغدەك كۆپتۈرەر. ناۋادا ماختاش ئورۇنسىز بولسا، ئۇ خۇشامەتتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
پارىسچە
شەرت بېقىندى جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ <سا، سە> ۋە باشقا شەرت قوشۇمچىلىرى بىلدۈرگەن مەنىنى كۈچەيتىپ كېلىدۇ.
ئەگەر سەن كەلمىگەن بولساڭ، بۇ چاتاق ئۈزۈلمەيتتى.