Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەدەب
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەخلاق، قائىدە - يوسۇن.
ئەدەبلىك، ئەدەبسىز. * ئەدەب ئىچىدىن بولۇش كېرەك. ھوسۇل بەرمەس ھېچ سىرتقى بېزەك. * بىر ھېكىم ئېيتىدۇ: «ئەدەبنى ئەدەبسىزدىن ئۆگەندىم، ئۇنىڭ قىلغىنى ماڭا ياقمىدى، مەن ئۇنى قىلمىدىم.»
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
زەربە، ساۋاق، پەشۋا.
ئەدەبسىزنىڭ ئەدىبىنى بەر (ماقال). * ئىززىتىنى بىلمىگەن ئەدىبىنى يەر (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
مودال سۆز.
مەشرەپ، ئولتۇرۇشلاردا تالاغا چىقىشنى سوراپ ئېيتىلىدۇ.
ئەدەب، _ دېدى 30 ئوغۇلنىڭ بىرى، _ ئەدەبكە چىقىمەن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياخشى تەربىيە، مۇۋاپىق ھەرىكەت، ياخشى خۇلق.
ئىلىم، بىلىم، پەزىلەت ۋە كامالەت.
تەلىم - تەربىيە.
تەنبىھ، جازا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەربىيە ۋە ياخشى خۇلۇق؛ ئۇيات.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلىك جەمىئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇشىنىڭ مىزانى.
ئەدەبتىن ئەلا مىزان يوق. ئالىيجانابلىق كىيىمدە ئەمەس، ئەخلاقتا. پەزىلەت بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ. يۇقىرى پەزىلەتلىك دوستى يوق كىشىنىڭ ھاياتى قاراڭغۇ. ئەخلاق - پەزىلەت _ دوستلۇقنىڭ ئاساسى. ئەدەب - ئەخلاق بازاردا سېتىلماس. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئەردەم، ئەركان، ئەھكامىلىرىنىڭ ھازىرقىغا لايىقراقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.