Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەدىب
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە اديب سۆزىدىن، كۆپلۈكى ادبا)
- تەربىيىچى، مۇئەللىم، ئەدەبىياتچى، يازغۇچى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان ئەھمەد يۈكنەكى <ھىببەتۇلھەقايىق> دېگەن ئەسىرىدە <ئەدىب> ۋە <ئەدەب> ئاتالغۇلىرىنى تۆۋەندىكى مەنىلەردە ئىشلەتكەن:
ئەدىب ئەھمەد ئەيتتىم ئەدەب - پەند سۆزۈم،
سۆزۈم بۇندا قالۇر، بارۇر بۇ ئۆزۈم.
<ئەدىب> دېگەن سۆز ھازىرمۇ قوللىنىلماقتا. بۇ ئاتالغۇ كەڭ مەنىدە ئومۇمەن، <سۆز سەنئەتكارى> (يازغۇچى، شائىر)، تار مەنىدە <نەسرى ئەسەر ئاپتورى> دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەدەبلىك، ئىلمىلىك ۋە تەربىيلىك؛ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچى، يازغۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدىئىي ئەسەر يازىدىغان كىشى.
جان دوستنى قانداق ئىزدىسەڭ، يازغۇچىنى شۇنداق تاللا. ئۇلۇغ ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى بىلەن مەشھۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى؛ يازغۇچى، شائىر، قەلەمكەش.
ئۇ داڭلىق ئالىملار، ئەدىبلەر توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.