Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەبۇل فاراج ئىسفاھانى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادى 897 - 967) ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخشۇناسى. ئۇمەييە خاندانلىقى جەمەتىنىڭ ئەۋلادى. ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىدە تۇغۇلغان. باغداد ۋە ھەلەبتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 50 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا <كىتابى ئەغانى> (<شېئىرلار توپلىمى>) نى تۈزۈپ چىققان، ئۇ ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى شېئىرلىرى توپلانغان كاتتا ئەسەر بولۇپ، جەمئىي 20 توم (كېيىنكىلەر بىر باب قوشقان، تەپسىلىي ئىندېكىس بىر باب). كىتابتا قەدىمكى شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى خاتىرىلىنىپ، ئەرەبلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىگە دائىر كۆپلىگەن ماتېرىياللار يېزىپ قالدۇرۇلغان. ئۇ، ئەرەبلەرنىڭ شېئىر، ئەدەبىيات ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.