Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەبۇ ھورەيرە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى. يەمەندىكى دەۋىسى مىللىتىدىن. ئەسلىي ئىسمى ئابدۇللا ياكى ئابدۇرەھمان. لەقىمى ئەبۇ ھۇرەيرە (مەنىسى ئاسلاننىڭ دادىسى دېگەنلىك بولىدۇ). 629 - يىلى مەدىنىگە كېلىپ، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىپ ھەمىشە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، 3500 ھەدىسنى ئېيتىپ بەرگەن. بەزىلەر ئۇنىڭ نامىدا نۇرغۇن ساختا ھەدىس توقۇغان. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بەھرەينگە ۋالى بولغان. كۆپ ئۆتمەي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.