Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەبۇ داۋۇد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەددەس. سۈننىي مەزھىپىدە ھۆرمەتلىنىدىغان ئالتە چوڭ ھەدىسلەر توپلىمىنى توپلىغان ئۆلىمالارنىڭ بىرى. سىجىستانىق (سىجىستان ھازىر ئىران چېگرىسى ئىچىدە). بەسرەدە دۇنياغا كېلىپ، باغداتتا چوڭ بولدى. ھەممە يەرگە بېرىپ بىلىم تەھسل قىلىپ، سەمەرقەنتتىكى مۇھەددەس دارىمغا شاگىرت بولۇپ، مول بىلىمى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن شۆھرەت قازاندى. كېيىن بەسرەدە ئولتۇراقلىشىپ، ھەدىسلەرنى دەلىللەش بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەدىسلەرگە تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەن تۇنجى ئۆلىما بولدى. ئۇ توپلىغان ھەدىس شېرىپنى فىقھە تېمىسى بويىچە تۈرگە ئايرىپ ئىبنى ھەنبەلىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.