Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
耶跋摩二世
دۇنيا تارىخى
جاياۋارمان Ⅱ
(تەخمىنەن 770 - 850) كېخمىر ئاڭكور سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (تەخمىنەن 802 - 850). مىلادى ⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئاخرىىدا سايلېندرا سۇلالىسى كېخمىرنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن ياۋاغا ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن بېقىندا سۈپىتىدە دۆلىتىگە قايتىپ تەختكە ئولتۇرغان. تەخمىنەن 802 - يىلى سايلېندارا سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنى ئالەمنىڭ شاھى دەپ ئاتىغان. سۋا مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلىپ، دېۋاراجا (ئىلاھالار شاھى) غا ئېتىقاد قىلغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئىنداراپۇرا (ھازىرقى باڭكەن شەھىرىنىڭ شەرقىدە)، خارىخارالارلار (ھازىرقى سىيامنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ئامارېندرا پۇرا ۋە ماخېندرا پارۋاتا (تونلى ساپ كۆلىنىڭ شىمالىدا) قاتارلىق شەھەرلەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان ھەمدە ھەرقايسى شەھەرلەردە بۇتخانا ياساتقان.