Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېدىسۋول يىغىنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى埃斯伏尔会议
āi sī fú ěr huì yì
نورۋېگىيىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈلگەن يىغىن. 1814 - يىلى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە ئېدىسۋولدا چاقىرىلغان. يىغىنغا قاتناشقان كىشى 112 كىشى، ئۇ 47 ئەمەلدار، 37 دېھقان، 16 شەھەر - بازار ۋەكىلى، 12 دېڭىز - قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەكىلىدىن تەركىپ تاپقان. يىغىن مەزگىلىدە تاشقى مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە ۋەكىللەر ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قالغان. كۆپ سانلىقلار - مۇستەقىللىك پارتىيىسى نورۋېگىيىنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئاز سانلىقلار - ئىتتىپاقىچىلار پارتىيىسى مەلۇم شەرت ئاستىدا شۋېتسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئادلېر بىلەن فالسېن ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەييارلىغان. يىغىندا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇندا نورۋېگىيە - پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈلمە ھۆكۈمرانلىقىدىكى <ئەركىن، مۇستەقىل ۋە ئايرىلماس پادىشاھلىق> دەپ جاكارلىغان. خرىستىئان فرېدېرىك نورۋېگىيىنىڭ نائىبى قىلىپ سايلانغان. نائىب ۋە يىغىن ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇنغا سادىقلىق بىلدۈرۈپ قەسەم بەرگەندىن كېيىن، يىغىن تارقالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.