Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېدېس
دائىرە: دۇنيا تارىخى埃德
āi dé
(1843 - 1888) فرانسىيەنىڭ 1871 - يىلدىكى پارىژ كوممۇنىسى سەركەردىسى، بلانكىزمچى، مۇخبىر. مېدىتسىنا داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، باسما خىزمەتچىسى بولغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە، جۇمھۇرىيەتچىلىك ھەرىكىتىگە ۋە بلانكىزمچىلارنىڭ تۈرلۈك تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقان. 1870 - يىلى 14 - ئاۋغۇست قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 4 - سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ باتالىئون كوماندىرى بولغان. 1871 - يىلى 3 - ئاينىڭ 81 - كۈنى پارىژ ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىدا مۇھىم رول ئويناپ، كوممۇنا ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان. 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى بولغان؛ 3 - كۈنى ۋېرسالغا يۈرۈش قىلغاندا، بىرىنچى كالوننىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 15 - كۈنىدىن باشلاپ پارىژنىڭ قىسمەن رايونلىرىنىڭ مۇداپىئە ئىشىغا مەسئۇل بولغان. 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن باشلاپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. <ماي قانلىق ھەپتىسى> جېڭىگە قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1880 - يىلىدىكى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ، بلانكىرنىڭ مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنى قايتىدىن قۇرۇشىغا ياردەملەشكەن. 1888 - يىلى ئىش تاشلىغان كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنى ئاقلاش يۈزىسىدىن ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىندا نۇتۇق سۆزلەۋېتىپ ۋاپات بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.