Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىدىرىس خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
لىۋىيىنىڭ پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك خاندانلىقى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتالىيە يېڭىلىپ، ئەسلىدە ئىتالىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان لىۋىيە ئەنگلىيە، فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1951 - يىل 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، لىۋىيە پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى فېدېراتىپ دۆلەتكە ئايلىنىپ، سانۇس مەزھىپى دىنىي تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئىدىرىس (1890 - ؟) تەختكە يۆلەپ نامىنى لىۋىيە پادىشاھلىقى دەپ ئۆزگەرتكەن. ئىدىرىس Ⅰ جاھانگىرلارنىڭ ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆز خەلقىنى دەھشەتلىك ئەزگەن. 1969 - يىلى خاندانلىق ئىچكى ئىنقىلاب ئارقىلىق ئاغدۇرۇلۇپ، ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.