Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېدو شەھىرى
دۇنيا تارىخى
江户城
jiāng hù chéng
ياپونىەي ئېدو شوگونلۇقى تۇرۇشلۇق جاي (ھازىرقى توكيو شەھىرىنىڭ كىيودا رايونى). بۇ جاي كىيودا شەھىرى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ يەردە فىئاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن - كاماكورا مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئېدو مۇشتۇمزور - ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى تۇرغان. 1457 - يىلى ئوتادوگن شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىققان. 1590 - يىلى توكوگاۋا ئىياسۇ شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن كېڭەيتىشكە باشلاپ، 1636 - يىلى توكۇگاۋا ئېمتىسۇ دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلۇشى تاماملانغان. ئۇ، ئەينى زاماندا ياپونىيە بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ قالغان. توكۇگاۋا ئىياسۇ بۇ جايدا ياۋلارغا جازا يۈرۈشى قىلغۇچى باش سياگۇنلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ئېدو شەھىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلانغان. 1868 - يىلى توكۇگاۋا ئىسنوبۇ بۇ شەھەرنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مېيجى ھۆكۈمىتى پەيتەختنى بۇ شەھەرگە يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن ئېدونى توكيوغا ئۆزگەرتىپ، خان سارىيى بەرپا قىلغان، كېيىن ئۇنى يەنە خان شەھىرى دەپ ئۆزگەرتكەن.