Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېدېن
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى伊登〈澳、英、加、牙、美、新,西〉
yī dēng 〈ào 、yīng 、jiā 、yá 、měi 、xīn ,xī 〉Dتارىخ
ئېدېن (ئايدىڭ)
艾丁
ài dīngDتارىخ
伊甸园
yī diàn yuán
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
伊甸园
yī diàn yuán
دائىرە: دۇنيا تارىخى艾登
ài dēng
(1897 - 1977)، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەىزىرى (1955 - 1957). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. ئوكسىفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشىتىن كېيىن سىياسىي ساھەگە كىرگەن. 1923 - يلى تۆۋەن پالاتا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. تىنچلىقپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىشى ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقنى قەتئىي قوللىشى بىلەن داڭق چىقارغان. 1934 - 1935- يىللىرى تامغا تۇتقۇچى ۋەزىر ھەمدە ساييارە ئەلچى بولغان. 1935 - يىلى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1938 - يلى باش ۋەزىر چېمبېرلىننىڭ تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1939 - يىلى قايتىدىن ئىچكى كابېنتقا قايتىپ دومىنئون ۋەزىرى بولغان. 1940 - يىلى چېرچىلل ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بىرلەشمە كابېنت قۇرغان ۋاقتىدا، دەسلەپ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى (1940 - يىلى)، كېيىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1940 - 1945) بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىل ئىچىدە چېرچىللىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشىگە ياردەملەشكەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇشنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. 1951 - يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئىچكى كابېنت تەشكىل قىلغاندا يەنە بىر قېتىم تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، تاكى 1955 - يىلى چېرچېللنىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولغانغا قەدەر تۇرغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىل ئىچىدە، 1956 - يىلى 11 - ئايدا مىسىرغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، مەغلۇپ بولغان. 1957 - يىلى 1 - ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. 1961 - يىلى گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئۆزىنىڭ دىپلومات دەۋردىكى تۇرمۇشى بايان قىلىنغان <ئايلىنىشنىڭ ئىپتىداسى>، <ئېدېن ئەسلىمىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.