Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىدىيە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ كىشىنىڭ ئېڭىدا ئەكس ئېتىپ، تەپەككۈر پائالىيىتى ئارقىلىق ھاسىل بولغان نەتىجە.
ئىدىيە - رېئاللىقتا ئۆز قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئىدىيىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى گەپ - سۆزنىڭ چىرايلىق بولۇشىغا باغلىق ئەمەس، ئۇ پەرداز بىلەن ئەمەس، مەزمۇنى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. مەپكۇرە كىشىنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ ئەقلىي بىلىشتىن ئىبارەت. كىشىلەر ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت جەريانىدا، ئالدى بىلەن ھېسسىي بىلىشكە ئىگە بولىدۇ. «بۇ ھېسسىي ماتېرىياللار كۆپىيىپ بىر سەكرەش بىلەن ئەقلىي بىلىشكە ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ئىدىيە» (ماۋزېدۇڭ). كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيىتى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئوبيېكتىپ پاكىتقا ئۇيغۇن ئىدىيە توغرا ئىدىيە بولۇپ، بۇ خىل ئىدىيە ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوبيېكتىپ پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان ئىدىيە ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
>پەلس< ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسىدە كىشى مېڭىسىدە ئەكس ئەتكەن ئىنكاسى.
نىيەت، مەقسەت، پىكىر.
تىنچلىقنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش ئىدىيىسى.
>ئەد< بىرەر بەدىئىي، ئىلمىي ياكى سىياسىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، تۈپ ماھىيىتىنى بەلگىلىگۈچى ئاساسىي پىكىر؛ غايە.
ئەسەرنىڭ ئىدىيىسى. >ئويغانغان زىمىن< رومانىنىڭ مەركىزى ئىدىيسى.