Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېچىتىلغان يەم خەشەك
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەسىرىدە فىزىكىلىق، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىنى ئاشۇرۇلغان چارۋا مال يەم - خەشىكى. ئۇنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى زىرائەتلەرنىڭ ئۇششاقلانغان شاخ - شۇمبىلىرى بولۇپ، بەزىلىرىگە مۇۋاپىق مىقداردا بوغۇز قوشۇلىدۇ. ئۇنىڭغا مىكرو ئورگانىزملارنى سۈنئىي ياكى تەبىئىي ئۇسۇلدا ئەككەندىن كېيىن، تەركىبىدە ساخاروزا بولغان بەزى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ، لاكتىك كىسلاتا باكتېرىيىسى ۋە ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە ئېچىپ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇراقلىق كىسلاتالار ھاسىل بولىدۇ، يۇمشايدۇ، پىشقان تاماق رەڭگىگە كىرىدۇ، ھەزىم قىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. سىلوس، سۈنئىي ژىن قاتارلىقلار مۇشۇ خىلدىكى يەم - خەشەكلەرنى ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.