Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىچمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېگۈلۈك - ئىچكۈلۈكلەرنى ئىستېمال قىلماق.
<ئىچمەك> سۇيۇقلۇققا قارىتىلىدۇ.
ئاش كەلسە يېگىن، ئىش كەلسە قىلغىن. ئەقىلسىز بىلەن پولۇ يېگۈچە، ئەقىللىق بىلەن تاش توشۇ. چاراغپايدا چاي ئىچكەن چېچەننى كۆرۈڭ. ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
تەرلىك (توقۇم ئاستىغا سېلىنىدىغان نېپىز كىگىز).
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تېرە جىلىتكە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىچمەك، تېرە جىلىتكە.
1 - 138
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇيۇقلۇقنى ئاغزىغا ئېلىپ ياكى شۈمۈرۈپ ئىچىگە يۇتماق.
سۇ ئىچمەك. چاي ئىچمەك.
ئىسپىرتلىك ئىچىملىكنى ئىستېمال قىلماق.
ھاراق ئىچمەك.
ئۇ ئىچمىسە تۇرالمايدۇ.
قورسىقىغا بىرنەرسە يېمەك، بىر نەرسە ئىستېمال قىلماق (سۇيۇق تاماقلارنى).
ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توقۇمنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان نېپىز كىگىز، تەرلىك.
تېرە جىلىتكە.