Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىچ كېزىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تېبابەت
ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا بەدەن ھارارىتى تەدرىجىي ئۆرلەپ 39° - 40° چىقىدۇ، تومۇر ئاستىلايدۇ، تال ئىششىيدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىدۇ، قورساق ساھەسىگە ھال رەڭ ئەسۋە چىقىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئۈچەي قاناش، تېشىلىش سەۋەبلىك ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.