Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىچكى ئۇرۇش خاتىرىلىرى
دائىرە: دۇنيا تارىخى内战记
nèi zhàn jì
كىتاب نامى. قەدىمكى رىم سىياسىيونى، ھەربىي ئالىم، يازغۇچى كائېسارنىڭ ئەسىرى، جەمئىي ئۈچ توم بولۇپ، ئاساسلىقى مىلادىدىن 49 - 48 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا كائېسارنىڭ پومپيۇس ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى يېڭىش جەريانى بايان قىلىنغان، ئاپتور گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، كىتابتا چامىنىڭ يېتىشىچە ئۆزىنى ئاقلاپ، پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى بەكمۇ كۆپ مۇبالىغە قىلغان. تارىخىي ماتېرىيال ۋە يېزىقچىلىق ماھارىتى جەھەتتە ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى - <گاللىيە ئۇرۇشى خاتىرىلىرى> گە سېلىشتۇرغاندا چېنىپ قالىدۇ. يەنە <ئىچكى ئۇرۇش خاتىرىلىرى> نىڭ داۋامى دېگەن ئەسەرمۇ بولۇپ، بۇنى كائېسارنىڭ مەسلىھەتچىسى ئارۇس ئىرجۇس يازغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.