Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىچكى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پادىشاھ سارىيىدىكى خاس ئەمەلدار؛ خىزمەتچى، مەھرەم:
پادىشاھ ئىشكىدە ئەركانى دەۋلەتدىن ئالىيشان بېكلەر ۋە ئالىي مەكان ئىچكىلەر ۋە سۇدۇر ۋە سايىر ....
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پادىشاھ ئوردىسىغا خاس ئەمەلدار؛ ئىچكى مەجلىس، خاس ئولتۇرۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
<تاشقى> نىڭ ئانتونىمى، ئىچ جەھەت.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش سىياسىي باشقارمىسى چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن <ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش، ھەربىيلەر تاۋابىئاتلىرىنى كۈتۈش> ۋە <ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش> پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىچ قىسمىدىكى، ئىچكىرىگە جايلاشقان، ئىچىدىكى، ئىچكىرىدىكى.
ئىچكى ئىشىك. ئىچكى سەۋەب. ئىچكى قەرز. ئىچكى زىددىيەت. ئىچكى قۇرۇلما.
مەملىكەت، دۆلەت، تەشكىلات ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
ئىچكى ئىشلار. ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش. ئىچكى ئۆلكە.
كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىغا، كەچۈرمىشلىرىگە ئائىت.
ئىچكى ھېسسىيات.