Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىبسېن
دۇنيا ئەدەبىياتى
ياۋروپانىڭ ھازىرقى زامان رېئالىستىك دراما ئاتىسى دەپ نام ئالغان نورۋېگىيىلىك دراماتورگ ھېنرىك ئىبسېن (1828 −1906 - يىللار) ئۆمرىدە25 پارچە سەھنە ئەسىرى يازغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئەينى چاغدىكى سىياسىي، قانۇن، دىن، ئەخلاق، نىكاھ، ئائىلە مەسىلىلىرى ئېچىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنى بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويغا سالغان.
ئىبسېن ياشلىق مەزگىلىدە نورۋېگىيە مىللىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەم زوراۋان ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىدىغان، مىشچانلارنى ھەجۋىي قىلىدىغان سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان. چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان چېغىدا تېخىمۇ ئېسىل سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان، مەسىلەن، »جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى«، »خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى«، »ئويۇنچۇق ئائىلىسى«، »جىنلار« قاتارلىقلار دۇنياغا تونۇلغان.
»جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى«نىڭ باش پېرسوناژى بونىك كېمە خوجايىنى، قوشۇمچە دېڭىز ترانسپورتى سودىگىرى، ئۇ ئۆزىنى »جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى« دەپ ئاتىۋالغان، كىشىلەر ئۇنى »شەھەرنىڭ بىرىنچى پۇقراسى« دەپ خۇشامەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاياللارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىدىغان، دوستلىرىنى ساتىدىغان، پىتنە - ئىغۋا تېرىپ، يالغان سۆزلەيدىغان، مەنپەئەت قوغلىشىدىغان نومۇسسىز ئادەم. ئەسەردە بونىكنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئېچىۋېتىلگەن شۇنداقلا مۇشۇنداق ئادەملەرنى »تۈۋرۈك« قىلغان پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئەيىبلىگەن.
»خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى«نىڭ باش پېرسوناژى سىدوكمان دوختۇر ئالىيجاناب، سەمىمىي، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم. ئۇ ساناتورىيە رايونىدىكى ئارىشاڭ بۇلىقىدا يۇقۇملۇق كېسەل مىكروبى بارلىقىنى بايقاپ، شەھەر باشلىقى بىلەن چۆمۈلۈش مەيدانىنىڭ خوجايىنىنىڭ تەھدىتى، مەنپەئەتكە قىزىقتۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئارىشاڭ چۆمۈلۈش مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ھوقۇقدارلار يىغىلىشتىن پايدىلىنىپ، جامائەتچىلىكنى قۇترىتىپ، سىدوكماننى خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى دەپ جاكارلايدۇ. ئاپتور بۇ ھېكايە ئارقىلىق ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەملەرنىڭ مەنپەئەتپەرەس جەمئىيەتتە يار - يۆلەكسىز يېتىم قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ھەم شەخسنىڭ ئىسيانكارلىق، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش روھىنى مەدھىيىلەيدۇ.
»ئويۇنچۇق ئائىلىسى« ئىبسېننىڭ ئەڭ داڭلىق سەھنە ئەسىرى، ئۇنىڭدا ئاياللار ئازادلىقى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باش پېرسوناژ نارا ياش، گۈزەل، بىغۇبار شۇنداقلا قەيسەر. كىچىكىدىنلا ئاتىسىنىڭ »قوزا«سى، »ئويۇنچۇقى«ى ئىدى، ئۇ چوڭ بولۇپ بانكا دىرېكتورى ھېرمانغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، يەنە ئېرىنىڭ »ئويۇنچۇقى« بولىدۇ. ھېرمان كۆرۈنۈشتە نارانى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى كىشىنىڭ غىدىقى كەلگۈدەك »قوزام«، »تىيىنچاق« دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نارانىڭ مۇستەقىل غۇرۇرى ۋە مۇستەقىل ئورنىنى قىلچە ئويلاپ قويمايدۇ. بىر قېتىم ئېرىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، نارا ياخشى نىيىتى بىلەن دادىسىنىڭ ئىمزاسىنى يالغاندىن ياساپ، بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىپ، ئېرىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىدۇ. ئويلىمىغاندا، سەككىز يىلدىن كېيىن بىرى بۇ ئىشنى پاش قىلىپ قويىدۇ، ھېرمان ئابرۇيۇمنى تۆكتى، ئىستىقبالىمنى يوققا چىقاردى، دەپ ھېس قىلىپ، نارانى پەسەندە، ئەخلاقسىز جىنايەتچى دەپ ھاقارەتلەيدۇ. قەرز ئىگىسى قەرز ھۆججىتىنى ناراغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھېرمان نام - ئابرۇيۇم، پۇل - مېلىم، ئورنۇم ساقلىنىپ قالدى، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ناراغا شېرىن - شېكەر گەپلەرنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەڭ قاناتلىرى بىلەن بۇ »يارىلانغان باچكا«نى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھېرماننىڭ بۇ ئۆزگىرىشچانلىقىدىن نارا ئۇنىڭ رەھىمسىز، شەخسىيەتچى، ساختىپەز ئەپت - بەشىرىسىنى تونۇپ يېتىدۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پەقەت ئەرنىڭ قولىدىكى بىر ئويۇنچۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1) ھېنرىك يۇھان ئىبسېن (1828 - 1906) نورۋىگىيىلىك دراماتورگ. ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىياتىرىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى. نورۋېگىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شىئېن شەھەرىدىكى ۋەيران بولغان سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دورا دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن. ياش ۋاقتىدا ياۋرۇپا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نورۋېگىيە مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1848 - يىلى يېزىقچىلىقنى باشلىغان. 1851 - يىلى بېرگىن دۆلەت تىياتىرخانىسىنىڭ رېژىسسورى بولغان. 1857 - يىلىدىن باشلاپ كرىستىئانىيە (ھازىرقى ئوسلو) دىكى نورۋېگىيە تىياتىرخانىسىدا بەدىئىي يېتەكچى ۋە ئەدەبىيات مەسلىھەتچىسى بولغان. 1864 - 1891 - يىللىرى ئىتالىيە ۋە گېرمانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. دەسلەپكى سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نورۋېگىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى ماتېرىيال قىلغان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر ئىدىيىنى ئىپادىلىگەن، رومانتىزملىق تۈسكە ئىگە. مەسىلەن: <تەخت تەمەخورى>، <ئېستردىكى ئېنگې خانىم> قاتارلىقلار. ئۇ يەنە شېئىرىي تىياتىر <برانت>، <پېرگېنت> قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە <ياشلار ئىتتىپاقى> رېئالىزملىق شەكلىدە ھازىرقى زامان ۋەقەلىكىنى يازغان تۇنجى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. 1877 - يىلىدىن كېيىن <جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى>، <قورچاقلار ئائىلىسى>، <ئالۋاستىلار>، <خەلق دۈشمىنى> قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىياتىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئەخلاق، دىن، قانۇن، مائارىپ ۋە ئاياللارنىڭ ئورنى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنىڭ ساختىلىقى ۋە بۇرژۇئازىيەنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىكىنى، مىشچانلىقنى پاش قىلى، ئەخلاقنى ياخشىلاش ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن <يۈز ئۆرۈش روھى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتىنى سۈرەتلەشكە ۋە مەنىۋى ھاياتىنى ئانالىز قىلىشقا ئۆتكەن بولۇپ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ۋە سىمۋولىزملىق تۈسكە ئىگە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يېقىنقى زامان تىياتىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كەڭ تەسىرگە ئىگە. (2) سىگۇرد ئىبسېن (1859 - 1930) نورۋېگىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى (1903 - 1905)، يازغۇچى. ھېنرىك يوھان ئىبسېننىڭ ئوغلى. 1882 - يىلى رىمدا قانۇن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1889 - يىلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تاشقى مۇناسىۋەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1892 - 1895 - يىللىرى <يېڭى ژورنال> نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1903 - يىلى دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپىسىدىن بوشانغاندىن كېيىن سىياسىي ساھەدىن قول ئۈزگەن. <قوڭغۇراق چالغۇچى>، <روبېرت فېنەنكى>، <خاتىرىدىكى مۇقەددەس ئوردا> قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ۋە سىياسىي ئوبزور ئەسەرلىرى بار.