Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئازادلىق قارىشىدىكىلەر
دائىرە: دۇنيا تارىخى解放论者
jiě fàng lùn zhě
(1) ئەسلىدە ئاۋسترالىيە تارىخىدىكى سۈرگۈن قىلىنغان گۇناھكارلاردىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى كۆرسىتەتتى. (2) ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىدا 1820 - 1840-يىللاردا يۈز بەرگەن ئاپتونومىيە ھەرىكىتىدىكى رادىكاللار. ئۇلار ئۆزلىرىنى «ۋىگ» پارتىيىسىدىكىلەر دەپ ئاتىغان، ۋېنتىۋورت باشچىلىق قىلغان. سۈرگۈندىن قويۇپ بېرىلگەنلەر بىلەن ئەركىن كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى ھاڭنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى، خەلق سايلىغان قانۇن تۈزۈش كېڭىشى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى چەتكە قاققۇچىلار بىلەن قارىمۇ قارشى بولسىمۇ، ئەمما گۇناھكارلارنى سۈرگۈن قىلىش تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىشتا بىردەك بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.