Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئازاب ئوقۇبەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«ئازاب - ئوقۇبەت» جىسمانىي، روھىي جەھەتتىكى قىيىن ئەھۋال، ئېغىرچىلىق.
سۆز ئازابىدىن ئېغىر ئازاب يوق. ئازاب بىلەن ھەسرەت _ تۇرمۇشنىڭ ئىككى ئېكىكى. بوشىمىسا تىل غەيۋەتتىن، بوشىمايدۇ دىل ئوقۇبەتتىن. ئازاب - ئوقۇبەت _ ئەڭ ياخشى ئۇستاز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىينىلىش - قىسىلىش، كۆڭۈلسىز مۇھىتتا ياشاش.
راھەت، پاراغەت، راھەت - پاراغەت، ھۇزۇر، ھالاۋەت، ھۇزۇر - ھالاۋەت
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېچىلىش - يايراش، كۆڭۈللۈك مۇھىتتا ياشاش.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. جاپا چەكمىگۈچە پاراغەت يوق. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى بوشاشتۇرىدۇ. زالىم زالىمغا جەبرى سالار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. كىشىلىك تۇرمۇش ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، جاپا - مۇشەققەت چېكىدىغان خىزمەت. سۆز ئازابىدىن ئېغىر ئازاب يوق. ئادالەت زالىملارغا ئوقۇبەت، جاپاكەشلەرگە بەرگەي پاراغەت. رىيازەت چەكمىگەن ئالىم بولالماس. جاپا - مۇشەققەت - غەلىبىنىڭ باشلامچىسى. رىيازىتى كۆپ، ھۇزۇرى ئاز. كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ساغلام بولغىنى ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ، تېرىغاندا سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەمىسە، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى قاچان كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تۈرلۈك ئازاب ۋە ئوقۇبەتلەر، جەبىر - جاپا، مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار.
ۋەزىرنىڭ ئايالى كۆرگەن چۈشىنى ۋە كېچە تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى بىر - بىرىدىن بايان قىلىپتۇ.