Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئائىشە بىننى ئەبۇ بەكرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى، ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى. مەككىدە دۇنياغا كەلگەن. مەدىنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن نىكاھلانغان. <مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى> دېگەن نامى بار.628 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىپ قايتىپ كەلگىچە يولد سەپتىن ئايرىلىپ قالغاندا ياش مۇسۇلمان سەفۋاننىڭ بۈۋى ئائىشەنى ئەكىلىپ قويۇشىدىن كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولغان. بۇ ئىش توغرىسىدا <قۇرئان كەرىم> دىكى سەككىز ئايەتتە بۈۋى ئائىشەنىڭ پاك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۈۋى ئائىشە 656 - يىلى <تۆگە ئۇرۇشى> غا قاتنىشىپ ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، مەدىنىگە ئەكىلىپ قويۇلغان ھەم مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىكى ھەدىسىرىدىن 2002 دىن ئارتۇق ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ بەرگەن.