Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئائورتا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنىۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ئاناتومىيە
ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ ئارتېرىيە بولۇپ، ئۇ سول يۈرەك دالانچىسىدىن چىقىپ يۇقىرىغا سوزۇلۇپ، ئوڭغا قايرىلىپ، ئاندىن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ياي شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن ئومۇرتقا بويلاپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، كۆكرەك، قورساق قاتارلىقلاردا كۆپلىگەن كىچىك ئارتېرىيىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا قان يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق تومۇر. ئۇ يەنە <چوڭ ئارتېرىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئائورتا يايى