Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاخىرقى پەيغەمبەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئىچىدىكى ئاخىرقى بىرەيلەن شۇنداق دېيىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ : «مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر...» (33 - سۈرىنىڭ 40 - ئايىتىدىن). ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، ئاللا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا رەسۇل ياكى پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ. يېقىنقى زاماندا ئەھمەدىيە مەزھىپى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، باشقا مەزھەپلەر تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.