Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاخمېس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنانلىقلار ئاخموسىس Ⅰ دەپ ئاتىغان. قەدىمكى مىسىر 81-سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى ( تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1570 - 1546). مىسىرلىقلارنى ھىكسوسلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 1570-يىل ئىلگىرى تۆۋەنكى مىسىر (نىل دەرياسىنىڭ دېلتىسى) نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاۋارىسنى ئېلىپ، تاجاۋۇزچىلارنى مىسىر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە پەلەستىن ئەتراپىغا سۈرۈپ بارغان. شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىرنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 18-سۇلالىنى قۇرغان، شۇنىڭدىن باشلاپ مىسىر تارىخى يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىگە كىرگەن، تېبېسنى پايتەخت قىلغان. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ھەربىي كۈچنى ۋە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇبىيىگە يۈرۈش قىلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، يېڭى سۇلالىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالغان.